باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېپالدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە شىزاڭدا 100 قېتىمغا يېقىن قالدۇق يەر تەۋرىدى

2015.04.30 18:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممە بىر نىيەتتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى

  «يېگانە ئارال» جاڭمۇ بازىرىدا قاپسىلىپ قالغان ئامما بىخەتەر چېكىنىپ چىقتى

  جاڭمۇ بازىرىدا 120 نەچچە سائەت قاپسىلىپ قالغان ئامما 29-ئاپرېل سائەت 21:30دە بىخەتەر چېكىنىپ چىقتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. نيېمۇلادىن جاڭمۇغىچە بولغان ھاياتلىق يولىدا 28-ئاپرېل قاتناش ئەسلىگە كەلدى. جاڭمۇ بازىرىدا قاپسىلىپ قالغان 6000 كىشى 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تەشكىللىك سىرتقا يۆتكەلدى. ئىگىلىنىشچە، رىكازا شەھىرى شىمالىي شەھەر ئەتراپى سانائەت رايونى، لازى ناھىيەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن تۆتنى تەسىس قىلىپ، 5000 چېدىر تىكىپ، جاڭمۇ بازىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن.

  شىزاڭ يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپى قوماندانلىق شتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نېپالدىكى 8.1 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش 29-ئاپرېل سائەت 12گىچە شىزاڭدىكى 19 ناھىيە، رايونغا تەسىر كۆرسىتىپ، 14 ناھىيە، رايون ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە نيېمۇلا ناھىيەسى، جىلۇڭ ناھىيەسى، دىڭرى ناھىيەسى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان. يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن شىزاڭ رايونىدا 25 كىشى قازا قىلغان، تۆت كىشى يوقاپ كەتكەن، 797 كىشى يارىلانغان، 2535 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 25821 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغان، 300 مىڭغا يېقىن كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان. 28-ئاپرېل سائەت 13كىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش 94 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 7 بالدىن يۇقىرى ئىككى قېتىم، 5 بالدىن يۇقىرى ئۈچ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر