خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاپرېل، «يادرو قوراللارنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىش يىغىنى نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا باشلاندى. يىغىندا شەرتنامىنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاراپ چىقىلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى يادرو قوشۇنىنى قىسقارتىش، يادرو كېڭەيتمەسلىك ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى