- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما ياپونىيەگە بەرگەن بىخەتەرلىك ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى
2015.04.29 16:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن ئاق سارايدا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ياپونىيەگە بەرگەن بىخەتەرلىك ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئابې شىنزو تاجاۋۇزچىلىق تارىخي ۋە «ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار» مەسىلىسى ھەققىدە ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، نۇرغۇن ئامېرىكا ئاممىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئابې شىنزونىڭ 29-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ۋە «ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار» مەسىلىسىدە بىۋاستە ئەپۇ سورىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئابې شىنزو 26-ئاپرېل ئامېرىكىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بارغانلا جايىدا تاجاۋۇزچىلىق تارىخى توغرىسىدا ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرگە ئۇچرىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر