- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورىيە زۇڭلىسى لى ۋەنكونىڭ ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى
2015.04.28 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي 27-ئاپرېل گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى ۋەنكونىڭ ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى. لى ۋەنكو، پاك گيۇنخاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2-گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى. لى ۋەنكو بۇ يىل 17-فېۋرال ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ھازىرغىچە 1980-يىلدىن بۇيانقى كورىيەدىكى «ئۆمرى ئەڭ قىسقا» زۇڭلىغا ئايلاندى. لى ۋەنكو شۇ كۈندىكى ۋەزىپىدىن بوشىتىش مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ ئەمەلدار-سودىگەرلەرنىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قېلىپ سەتچىلىك بىلەن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغانلىقى توغرىسىدا خەلقتىن كەچۈرۈم سوراپ مۇنداق دېدى: بارلىق مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماي تۇرۇپلا ئايرىلغانلىقىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ۋە ئېچىنىمەن، لېكىن ھەقىقەتنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشكارىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر