باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: چاۋشيەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كىم جيوڭئوننىڭ رۇسىيەدىكى تۇنجى زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە زىيارەتكە چىقىۋاتىدۇ، دېدى

2015.04.21 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن رەھبىرى 9- ماي موسكۋا قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتقا قاتنشىش ھارپىسىدا، چاۋشيەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كىم جيوڭئوننىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيەگە ھەدەپ زىيارەتكە چىققان. چاۋشيەننىڭ كابېنت مۇئاۋىن زۇڭلىسى رۇ تۇچول، خەلق قوراللىق كۈچلىرى مىنسىتىرى خيون يۇڭچول ۋە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى گوڭ سىسوڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار رۇسىيەگە قىلغان زىيارىتىنى يېقىندىلا ئاخىرلاشتۇرغان. چاۋشيەن ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا خىزمەت كومىتېتى يىغىنى 27- ئاپرېل پيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چاۋشيەن رەھبىرى كىم جيوڭئوننىڭ 5- ئايدا موسكۋاغا قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر