- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھىندىستاندا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارغا پارا بەردى
2015.04.10 14:46 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا ھىندىستاننىڭ بىھاردىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ بالىلىرىغا ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىنى تاشلاپ بەرگەن. مۇخبىر بۇ مەكتەپنى قايتا زىيارەت قىلغاندا ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «شېكسپېر» دېگەن خەتنى يازالمايدىغانلىقىنى، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ گۇگۇ تېئورمىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ... بايقىغان. بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ئىمتىھان قەغىزىنىڭ ئارىسىغا 100 رۇبلى (تەخمىنەن 30 يۈەنگە باراۋەر) قىستۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا پارا بېرىشكە ئۇرۇنغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر