- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن تەرەپ كائىسوڭ باغچا رايونىنىڭ ئەمگەك بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشنى قەتئىي يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2015.03.18 14:18 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
كورىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن تەرەپ يېقىندا كائىسوڭ باغچا رايونىنىڭ ئەمگەك بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشنى قەتئىي يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كورىيە ھۆكۈمىتى بولسا، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كائىسوڭ باغچا رايونىغا كىرگەن كارخانىلار پات يېقىندا چاۋشيەنلىك ئىشچىلارغا 3- ئايلىق ئىش ھەققىنى بېرىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، چاۋشيەن ۋە كورىيە ئىككى تەرەپ بۇ باغچا رايونىدىكى كارخانىلارغا قارىتا «ئۆزىگە تارتىش جېڭى»نى قانات يايدۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر