- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كۇبا بىلەن ئامېرىكا 3-نۆۋەتلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتىنى باشلىدى
2015.03.18 11:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كۇبا بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىرى 16-مارت كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا 3-نۆۋەتلىك سۆھبەتلەشتى ئۆتكۈزدى. بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ 3-نۆۋەتلىك سۆھبىتىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئاساس قىلىنىدۇ، بۇ دىپلوماتلارنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشى ۋە خادىملارنىڭ سانى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئامېرىكا يەنىلا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى 10-ۋە 11-ئاپرېل پانامادا ئۆتكۈزىلىشتىن بۇرۇن باش ئەلچىخانىنى قايتىدىن ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدۇ دېدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن باش ئەلچىخانىنى قايتىدىن ئېچىش تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئىشلارنىڭ ماس قەدەمدە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر