- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاشتون كات: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى ئۇچ يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2015.03.13 16:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كات 11- مارت مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇندىن ئىلگىرى پارلامېنتقا سۇنغان ھەربىي ئىشلار ھوقۇقى بېرىش لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن ئۈچ يىللىق چەكلىمىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. كات مۇنداق دېدى: ئوباما ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە ئۇچ يىللىق ھوقۇق بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇچ يىللىق چەكلىمە يېتىپ كەلگەندە بۇ قېتىمقى قوراللىق زەربە بېرىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى باھالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىلەن پارلامېنتىغا شارائىت يارىتىپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش داۋاملاشتۇرماسلىقىنى قارار قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر