باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى مىنسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشتا قىيىنچىلىق زور

2015.03.05 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە رەھبەرلىرى 12-فېۋرال ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدى ھەمدە ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرى بىلەن يېڭى مىنسكى كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولدى. ھالبۇكى بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغان يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

  2014-يىلى 5-سىنتەبىر، ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرى بىلەن 12 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مىنسكى كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان ئىدى. بۇ يىل 12-فېۋرال، ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرى بىلەن «مىنسكى كېلىشىمىنى ئادا قىلىش ئۇنىۋېرسال تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججەتنى ئىمزالىدى، تاراتقۇلار بۇنى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمى دەپ ئاتىدى.

  كونا-يېڭى كېلىشىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوخشاش، ئىككىلىسىدە دەرھال ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش بىرىنچى نۇقتا قىلىنغان، شەرقىي قىسىمدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى بۇندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەسىلەن بارلىق چەتئەل قوراللىقلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى چېكىندۈرۈش، يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ئەمما يېڭى كېلىشىمدە يەنە بەزى يارقىن نۇقتىلار بار، بىرىنچى، كېلىشىم مەزمۇنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ماددىلىرىنى چۈشەندۈرگەن چاغدىكى ئۆز بېشىمچىلىقى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. ئىككىنچى، «ئۇكرائىنا قانۇنىغا ئاساسەن يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈش»، «ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى دۆلەت چېگرىسىغا بولغان پۈتۈنلەي كونتروللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» قاتارلىق ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ تەشەببۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي قىسىمدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلارغا قارىتىلغان ۋاقىتلىق ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنى مەڭگۈلۈك قانۇنغا ئۆگەرتىش، مەركەز ھوقۇقنى قويۇپ بېرىشنى باش مەقسەت قىلغان ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش، يەرلىك ساقچى قوشۇنى تەشكىللەش قاتارلىق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەزمۇنلار قوشۇلدى.

  يېڭى مىنسكى كېلىشىمىگە ئاساسەن، 15-فېۋرال سائەت نۆلدىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىلىشى، توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىغان ئىككىنچى كۈنىدىن قالماي ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈشكە باشلىشى ھەمدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە بۇ خىزمەتنى تاماملىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرى دېبالتسېۋو شەھىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى. 19-فېۋرال، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۇ شەھەردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى زور كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش ئاندىن توختىدى، ئەمما ئاندا-ساندا قوراللىق توقۇنۇشلار بىرەر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى، توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ھەر كۈنى بىر-بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلابلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  ئۇرۇش توختىتىش يېڭى مىنسكى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى، ئەمما بۇ قەدەمنى ئېلىش ناھايىتى تەسكە توختىدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 3-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئارتۇقچە ئۈمىدلىنىپ كەتمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەلئىچى قوراللىقلىرى ھەم ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختاتمىدى، ھەم ئېغىر قوراللارنى تولۇق چېكىندۈرمىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلىشىم ئىمزالىغۇچى تەرەپلەرگە تەسىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ۋەدە بەرگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك.

  ئۇرۇش توختىتىشقا قارىغاندا، يېڭى كېلىشىمدىكى سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېخىمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئالايلۇق، «ئۇكرائىنا قانۇنىغا ئاساسەن يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈش»، «ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى دۆلەت چېگرىسىغا بولغان پۈتۈنلەي كونتروللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» قاتارلىق ماددىلارنى ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۆز ئالدىغا قۇرۇلغان ئىككى «جۇمھۇرىيەت» مۇستەقىللىق تەلىپىدىن تېخى ۋاز كەچمىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە «چەتئەل قانۇنى»غا ئاساسەن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت چېگرىسىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئۆزلىرىنىڭ تەمىنات يولىنى ئۈزگەنگە باراۋەر، ئەلۋەتتە بۇنى تېخىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.

  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى مىنسكى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يول تېخى ئۇزاق. ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىقى ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ پەيدا قىلىپ، ئەمەلىي سۆزلىشىش، ئىككىلى تەرەپ زۆرۈر بولغاندا يول قويۇش. ئوخشاشلا مۇھىم ئىش شۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت نەسىھەتنى كۆپرەك قىلىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر