باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى ئاخىرقى بىر كىلومېتىرلىق مارافون باسقۇچىغا كىردى

2015.02.28 17:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى، بىراق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسى قېيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە يولۇقتى، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىمۇ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرلىق مارافون باسقۇچىغا كىردى.

  ئامېرىكا بىلەن ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئىلىپ بارغاندىن كىيىن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت ۋە ياۋروپا 22- فېۋرال شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئىران بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئىلىپ باردى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈن يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئىلىپ بارغان 3- قېتىملىق سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلاندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى بۇندىن ئىلگىرى ئىلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى ، سۆھبەتكە قاتناشقانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، تېخىمۇ ئىجابىي سىگناللارنى بېرىپ، سۆھبەتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەنلىكى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۈمىدتە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يېقىندا ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر دېگەن سۆز بىلەن يادرو سۆھبىتى مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان باسقۇچىنى، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى توغرىسىدا ئوموميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى شەرھلىگەن ئىدى.

  22-فېۋرال چۈشتىن كىيىن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادرو سۆھبىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن سۆھبەت ئاساسىدا، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، جەنۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشقان ھەر قايسى ئاساسلىق تەرەپلەر تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسىي ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىدىنى ئەسكە ئەتتۈردى.

  سۆھبەتكە قاتناشقان سالاھىيەتلىك دىپلوماتلار بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى جىددىي، ئەمەلىي، ياخشى كەيپىياتتا ئىلىپ بېرىلدى دەپ شەرھلەپ ، ئوموميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىكى ئاساسلىق مەسىلىلەردە ئەمەلىي خاراكتېرلىك مۇزاكىرە ئىلىپ باردى.

  ئەمەلىيەتتە، تىنچلىق سۆھبىتى جەھەتتە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەڭ چوڭ يۈزلىنىشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۈمىدىنىڭ ئەڭ چوڭ بولغانلىقى، سالغان بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولغانلىقىدا بولدى. بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنى ھەپتە ئاخىردا ئۆتكۈزۈشنى تاللاشنىڭ ئۆزىلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېزدىن ئوموميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر