- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لىۋان تېخىمۇ كۆپ سۈرىيە مۇساپىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز، دېدى
2015.02.28 17:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋاننىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى دىلباس تۈنۈگۈن: بىز ھېچقانداق بىر سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوغلىۋەتمىدۇق، ئەمما بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا ئامالىمىز يوق، دېدى. دىلباس تۈنۈگۈن بېيرۇتتا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە مۇساپىرلىرى ھەققىدىكى سۆزلىشىشتە مۇنداق دېدى: نۇرغۇن سۈرىيە مۇساپىرى لىۋانغا كىرگەچكە، بىز 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە زىيان تارتتۇق، ئىشسىزلىق نىسبىتى %16 كە يەتتى. سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئېلىپ كەلگەن بېسىم لىۋاننىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى لىۋاندا تىزىمغا ئالغان سۈرىيەلىك مۇساپىر 1 مىليون 200 مىڭغا يېتىدۇ، يەنە بىر قىسىم مۇساپىرلار تىزىمغا ئېلىنمىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر