- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە موڭغۇلىيە بىلەن ئىقتىساد ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
2015.02.12 10:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو موڭغۇلىيە زۇڭلىسى سەيخانبىلىگ بىلەن 10-فېۋرال كەچتە توكيودا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساد ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ ياپونىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان 15-ئىقتىساد ھەمكارلىق كېلىشىمى. ھازىرغىچە، ياپونىيەنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئانچە قويۇق بولماي كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا ئومۇمىي سوممىسى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشماي كەلدى. شۇڭا، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياپونىيە موڭغۇلىيە بىلەن ئىمزالىغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى كېلىشىمىنىڭ سىمۋوللۇق خاراكتېرى ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئارقىلىق سىياسىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر