باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارى بىخەتەرلىكىنى قوغداش-خەلقئارا ھەمكارلىققا موھتاج

2015.02.12 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  51-نۆۋەتلىك ميۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنى 8-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ميۇنخىن شەھىرىدە يېپىلدى. ئۈچ كۈنلۈك يىغىندا، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى ئىپادىلىگەن خەلقئارا تەرتىپ خىرىسى بىلەن خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىشى-يادرولۇق قارالما بولۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى چۆرىدىلىپ قانات يايدۇرۇلغان كۆز قاراشلارنىڭ كۈرىشى تېخىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى يىغىندىن قارىغاندا، رايون داۋالغۇشىنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىشى، دۇنياۋى خىرىسنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشى، تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىشىدەك يەر شارى بىخەتەرلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى-بىخەتەرلىك خىرىسىغا تەڭ تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىگە ئايلاندى دەپ كۆرسەتتى. لېكىن بىر قىسىم دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچ كەم بولماقتا، ئۇلارنىڭ بەزى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردىكى كۈچ سىنىشىشى يەنىلا كەسكىن بولماقتا.

  ميۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى ئىسىنگېر يىغىندىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان «2015-يىللىق ميۇنخىن بىخەتەرلىك دوكلاتى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا، نۇرغۇن كىرىزىس تەرەققىي قىلىپ خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بولغان ئېغىر خىرىس ۋە تەھدىتكە ئايلاندى، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە تەھلىلچىلەرنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك سىياسىتى تۈزۈشى ناھايىتى تەس، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، بۇ كىرىزىسلار خەلقئارا تەرتىپنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولماقتا شۇنداقلا ھازىرقى بىخەتەرلىك مېخانىزمى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى، بۇ نۆۋەتلىك ميۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ باش تېمىسى-خەلقئارا تەرتىپنىڭ يىمىرىلىشى بولدى دېدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ تۇردى، يېڭى خىرىسلار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى، خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا تەرتىپ چوڭقۇر تەڭشىلىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.

  ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى داۋاملىق كەسكىنلەشتى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىدى، غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيە ئىقتىسادىي جازا بىلەن جازاغا قارشى تۇرۇشنى كۆپ قېتىم ئۆز ئارا يولغا قويۇپ، زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى؛ ئوتتۇرا شەرقتە، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تېزدىن كېڭىيىپ، رايون ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسنى پەيدا قىلدى؛ ياۋروپادا، تېررورلۇق ھۇجۇمى كۆپەيدى، تېررورلۇق ئىدىيەۋى ئېقىمىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن ساقلىنىش مۇھىم تېمىغا ئايلاندى.

  خۇددىي گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەيىن مېيىل ئېيتقاندەك، دۇنيا ھازىر بىر يېڭى تەرتىپنى ئىزدىمەكتە، ھازىر پەيدا بولغان توقۇنۇشنى 10، 20 بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەل قىلىش تېخىمۇ تەس.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئاساسەن دېگەندەك ھەر قېتىملىق مۇزاكىرىدە چوقۇم تىلغا ئالىدىغان تېما بولدى، گېرمانىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلدى.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى يەنە ھەربىي ۋاسىتە بىلەن ھەل قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك دەپ قارىدى. مېركىل ئامېرىكا يېقىندا بىلدۈرگەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىش پوزىتسىيىسى ھەققىدە، ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال يەتكۈزۈشنىڭ توقۇنۇشنى بېسىقتۇرۇشقا پايدىسى بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى. گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋوندىرايىن تېخىمۇ ئۇدۇل قىلىپ، قورال بىلەن تەمىنلەش-كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدېننىڭ مەيدانى بۇنىڭغا ئوخشاش بولمىدى. ئۇ رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيە ئەگەر ئۇكرائىنادىن ئايرىلمىسا، ئىقتىسادىي زىيان تارتىش ۋە يېتىم قىلىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىدۇ دېدى، ئۇ يەنە ئامېرىكا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ دەپ ۋەدە قىلدى.

  گەرچە كۆزقاراش ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە جامائەتچىلىك مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچە كەسكىن تىركىشىش باسقۇچىغا بارمىدى، پارلامېنت كۈنتەرتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئامىلدىن تاشقىرى، غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا پىكىر جەھەتتىكى بۆلىنىشمۇ مۇھىم سەۋەب.

  جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مېي جاۋروڭ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە فىرانسىيە ۋەكىللىكىدىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوكرائىنا مەسىلىسىدىكى تەلىپى ئوخشىمايدۇ، ئوكرائىنا كىرزىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە مەنپەئەتىگە ئاساسەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى تاپالايدىغان تاپالمايدىغانلىقىنى سىنايدۇ.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئوكرائىنا مەسىلىسى مالىمانچىلىقتىن قوراللىق توقۇنۇشقا ئۆزگەرگەنگىچە بولغان جەريانلار خەلقئارا تەرتىپتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان شارائىتتا يۈز بەردى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەيلى مىنىسكى كېلىشىمى ياكى ئىقتىسادى جازا بولسۇن كىرزىسنىڭ كەسكىنلىشىشىنى توسالمىدى ، ئوكرائىنا كىرزىسىنىڭ قىسقا ۋاقىتتا تەلتۆكۈس ھەل بولۇشى قىيىن.

  ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ مۇداپئە ئشلىرى ساھەسىدىكى داۋۇس مۇنبىرى دەيدىغان نامى بار، ئۇ خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى ئەربابلارغا مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان، كۆزقاراشلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چۈشۈنۈشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەردى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەتنى باھالاشقا ئۇچۇر تەمىنلەپ بەردى.

  يەرشارىلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسى تەدرىجىي يەر شارى بىخەتەرلىكىگە خىرىس ئېلىپ كەلدى، شۇڭا «ھەمكارلىق» يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ نۇتقىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت كومۇسسارى ياڭ جېچى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئورتاقلىق، ئۇنىۋىرىساللىق، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقتىدىن ئىبارەت بىخەتەرلىك قارىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق غەلبە قىلىش دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق غەلبە قىلىش، ئورتاق قوغداشتىن ئىبارەت بىخەتەرلىك يېڭى يولىدا تىرىشىپ مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى ۋوندىرايىن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە خەلقئارا ئىشلاردا جۈملىدىن ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، توقۇنۇشقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ھەمكارلىق ئارقىلىق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۈرۈشنى ئۈمد قىلىدۇ.

  ئوكرائىنا مەسىلىسىدە مېركىل يىغىندا قايتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گېرمانىيە رۇسيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ، رۇسيە بىلەن قارشىلىشىنى خالىمايدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى كېررى بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرى فابۇيوسمۇ: يەر شارىنىڭ ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇق تەھدىدىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا مەسلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دىڭ چۈن مۇنداق دەپ قارىدى: پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتارلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمىغا يولۇقتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنۋى ۋە غەيرى ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر