9-فېۋرال ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدا) بىلەن زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 9-فېۋرال ئاق سارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە دىپلوماتىيە يولىنى ئىزدەش ئارقىلىق ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئوباما تەكىتلەپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان-تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى تېخى قارار قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. (يىن بوگۇ فوتوسى)