باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2015.02.03 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ياپونىيىلىك تۇتقۇن كىنجى گوتونى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ،بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنى يوقىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:بۇ جىنايى قىلمىش سۇرىيىدىكى مۇخبىرلار قاتارلىق كىشىلەر يولۇقۇۋاتقان كرىزىس كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. شۇنداقلا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ياۋۇزلۇقىنى يەنىمۇ نامايان قىلىدۇ. بۇ تەشكىلات سۇرىيە ۋە ئىراق خەلقىگە زۇلۇم پەيدا قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:بۇ تەشكىلاتنىڭ جىنايى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنى مۇراجەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر