باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئامېرىكىنى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان خىرىسلارغا دۇچار قىلدى

2015.02.03 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ يېقىندىكى بىر قاتار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئامېرىكىنى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان خىرىسلارغا دۇچار قىلدى، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئوباما ھۆكۈمىتى زور بېسىمغا ئۇچرىدى، بۇ ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن پارلامېنتىنىڭ ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيە تاللىشىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى كۈچەيتىۋەتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق قىزىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدىن ھەربىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر كۆپ ئورۇننى ئىگەللەيدىغان ئامېرىكىنىڭ 114-نۆۋەتلىك پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسى يىل بېشىدا ۋەزىپە چىققاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە چىققان ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماككائىن «دۇنياۋى خىرىس ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى سىياسىتى»نى تېما قىلىپ 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا 3 قېتىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل سابىق ياردەمچىسى بۇركىنسىكى، سىكاۋروفىت، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سابىق قوماندانى، ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سابىق قوماندانى فاللون، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى كىن، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىڭگىر، ئالبىرايت قاتارلىقلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىسپات بەردى، بۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئىش. بۇندىن باشقا، كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراقلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتىكى خىرىس ۋە ھەربىي چىقىمنى ئازايتىش توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى.

  بۇ بىر قاتار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىدا كشىلەر: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا نۇرغۇن يېڭى خىرسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. كىسىڭگىر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا ھازىر بىر سەپسەتىگە قالدى يەنى ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئەڭ كۆپ ھەم ئەڭ مۇرەككەپ كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. ھازىرقى خەلقئارا، رايون تەرتىپى ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۆزگىرەۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىلىۋاتىدۇ. بىخەتەرلىك تەھدىتى يامراۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېخىمۇ ھەرىكەتچان، بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماھىيىتى كۈچنى تەكىتلەشتىن پىسخىكا ئۇرۇشى ۋە تەڭپۇڭ بولمىغان كۈچكە ئايلىنىۋاتىدۇ.

  ئالبىرايت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېينكى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان تەرتىپكە خىرىس بولىۋاتىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەىدىت سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى رەتكە تىزغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتى، دۇنيا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان. كىسىڭگىر قاتارلىقلار «ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى يوقىتىش، ئامېرىكا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ جىددىي مەسىلە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنڭ ئاقىۋىتى» دەپ ھېسابلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق قىزىق مەسىلىلەردە قورال كۈچى ئارقىلىق ھەيۋە قىلىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىۋاتىدۇ. بۇركىنىسكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىنانى «مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى قوراللار» بىلەن تەمىنلىدى كېرەك، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى بىردىن-بىر ياخشى ئامال بولسا بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە تېزدىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.

  بوركىنىسكى قاتارلىق كىشىلەر يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغان قالايمىقانچىلىق يەنە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ. ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ قارشىلىشىشىغا ئايلانماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا يەنە جۇڭگو ، رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى لازىم. كېن مۇنداق دەپ قارىدى: يەر شارى خاراكتىرلىق ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنى چەكلەش ۋە تارمار قىلىشتا كەڭ دائىرىلىك، ئۇزۇن مەزگىللىك، ئومۇمىيۈزلۈك ئىستراتېگىيە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىسلام رادىكال كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

  كىسىڭگېر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا دائىم خۇسۇسىي كىرزىسنى بىر تەرەپ قىلىدۇ،دۆلەت ئىستراتېگىيسى جەھەتتە ئىزچىللىق كەمچىل، بۇ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مىخانىزمىدىكى مەسىلە شۇنداقلا ئامېرىكا يولۇقۇۋاتقان خېرىس. ئالبىرايىت مۇنداق دەپ قارىدى: دىققەت نەزىرىنى ئۇزاق مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك ئامېرىكىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى. شۇڭا سىجىللىققا ئىگە ئىستراتېگىيىنى مەيدانغا كەلتۈرمىكى ئاسان ئەمەس. ئىككىنچىدىن ، ئامېرىكا بارغانسىرى كۆپلىگەن يەر شارى خاراكىتىرلىك مەسىلىلەردە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق ئامېرىكا رەھبەرلىك رولىنى قانداق ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى ھازىرغىچە ئۆگىنەلمىدى.

  دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىشى ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ھەربىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يىغىنغا قاتناشقانلار بۇنىڭدىن ناھىيىتى نارازى بولدى. ئالبىرايىت مۇنداق دېدى: خامچوت يېتەرلىك بولماسلىق ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەيدۇ. ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىي پارلامىنت مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى بىساما مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارلامىنىت ئۆلچەم بويىچە بولمىغان خامچوت تەرتىپى بىلەن خامچوت لايىھىسىنى تۈزۈشنى تاماملىدى. بۇ بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ پىلانىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئىلگىرى بىر ئالىي ھەربىي ئەمەلدار كونترول قىلغىلى بولمايدىغان خامچوتتىن نارازى بولۇپ، ھەربىي خامچوتنىڭ كۆپ قىسمى كىمەيتىلسىمۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنى قوبۇل قىلالايدۇ، بىراق خامچوت لايىھىسى ئارقىغا سۆرىلىدىغان بولسا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدۇ، دېگەن ئىدى.

  ئىسپات ئاڭلاشقا قاتناشقان كۆپ سانلىق كىشىلەر جۇڭگونى بىرىنچى تەھدىت دەپ قارىمىدى. بوركىنىسكى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەگە سەل قارىمايدۇ ، ھەتتا بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشسسا بولىدۇ.بىز جۇڭگونى چۈشىنىمىز، جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىشىمىز. بىراق ھەربىي تەرەپ جۇڭگو تەھدىت نەزەرىيىسىنى قالايمىقان ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. كېن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن رايون ئىستراتېگىيىسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلىشى كېرەك.

  فالون مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ساقلىشى ۋە راۋاجلاندۇرىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتىنىڭ بىرى . ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر بىر ساھەدە ئىنتايىن چوڭقۇر قاتلاملىق مۇناسىۋىتى بار. بىراق ئىككى دۆلەت ئارمىيىلىرى مۇناسىۋىتى بۇنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا، ئامېرىكا بۇ جەھەتتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرىسىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر