- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھوللاندى دۇنيا كارخانا ساھەسىنىڭ تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2015.01.26 08:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى تۈنۈگۈن دۇنيا كارخانا ساھەسىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ھوللاندى تۈنۈگۈن شۋېيتسارىيەنىڭ داۋۇستا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىساد سودا ساھەسى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھاياتى كۈچى، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى خەلقئارا، دۆلەتلەر ۋە كارخانا ساھەسى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھوللاندى مۇنداق دېدى: تېررورىزىمغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مالىيە مەنبىيىنى ئۈزۈۋېتىشى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى كارخانىلار تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر