- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن كورىيەنى بىرلىكتە كەلتۈرۈش تەرەققىيپەرۋەرلەر كۈچىنى باستۇردى دەپ تەنقىد قىلدى
2015.01.23 16:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن مىللىي يارىشىش كېلىشىمى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا سۆز قىلىپ، كورىيەنىڭ چاۋشيەننى ماختاپ ئاشكارا ئوبزور ئېلان قىلغان كورىيەلىكنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى، ھەمدە چاۋشيەننى ماختاپ سۆز قىلغان كورىيە ئۈمىد سىياسىي تەتقىقات مۇنبىرى ۋەكىلىنى قولغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. باياناتچى مۇنداق دېدى: كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش سەمىمىيىتىگە ۋە تىرىشچانلىقىغا ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق. كورىيە يۈزەكى جەھەتتە سۆزلىشىشنى ۋە مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا تۈزۈلمە جەھەتتە قارشىلىشىشتا چىڭ تۇردى. باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر كورىيە ئامېرىكىنىڭ مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىلەرگە ئارلىشىشنى توسماي، ئىلگىرىكى قارشىلىشىش پوزىتسىيىسىدىن قول ئۈزمەيدىغان بولسا، شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي سۆزلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر