- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى شەرتسىز ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى
2015.01.23 16:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 21-يانۋار مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى شەرتسىز ھالدا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىپ، چاۋشيەننى ئىلگىرىكى بارلىق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى. چاۋشيەن 2005-يىلدىكى بىرلەشمە باياناتىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك ، بۇ مۇھىم بىر نۇقتا. چاۋشيەن ھۆكۈمىتى 9-يانۋار ئالاقىدار يوللار ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ئەگەر ئامېرىكا كورىيەدە ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغان بولسا، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر