- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


فرانسيە: ھەربىي ھازىرلىقلار كۆلىمىنى قىسقارتىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قوللايمىز
2015.01.23 16:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 21-يانۋار، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، فىرانسىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ يەتتە مىڭ بەش يۈز خىزمەت ئورنىنى قسىقارتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بۇ يىل 1 مىڭ 500 خىزمەت ئورنىنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. فرانسيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: ھوللاندى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇداپىئەسى يىغىنىدا بۇ قارارنى چىقاردى. ھوللاندى 14-يانۋار، فىرانسىيەنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى نورمال بولمىغان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ 34 مىڭ خىزمەت ئورنىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى پىلانىنى قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر