- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرگە قارىتىلغان جازانى ئۇزارتتى
2015.01.23 16:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 22-يانۋار قارار ماقۇللاپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسىلەرگە قارىتىلغان جازانى بىر يىل ئۇزارتتى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلىرىدىن زۆرۈر بولغان ھەرىكەت قوللىنىپ، جازالاش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جازالاشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش مۇھىم بولۇپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ھەمدە رايون تەشكىلاتلار بۇ جەھەتتە زور رول ئوينىشى كېرەك . خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشگە ئىلھام بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر