- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەۋپسىزلىك كېڭىشى دونىستىك شەھىرىدىكى ئاپتوبوس بېكىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
2015.01.23 16:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 22-يانۋار كەچتە تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونىستىك شەھىرىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ ۋەقەنى ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈش، ئىش تېرىغۇچىنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. دونىستىكتىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتى 22-يانۋار بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 15 پۇقرا يارىلاندى ۋە قازا قىلدى، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ۋە شەرقى قىسمىدىكى ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر قارشى تەرەپنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر