باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇبارەكنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش دېلوسى قايتىدىن قاراپ چىقىلىدۇ

2015.01.15 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر دۆلەتلىك تېلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە: مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش دېلوسىنى قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئومۇمنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش جىنايى بىلەن مۇبارەكنى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ ئۈچ كىشى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ 14 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن دەپ ئەيىبلەنگەن، ئۇندىن كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش مۇبارەكنىڭ بىردىن بىر جىنايىتى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر