باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى شەرتلىك توختىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى

2015.01.12 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 10- يانۋار چاۋشيەن بۇندىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەگەر ئامېرىكا بۇيىل بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى توختىتىدىغان بولسا، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەكلىپنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى يادرو سىنىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇ، بۇنىڭدا يوشۇرۇن تەھىدىت ساقلانغان دەپ ھېسابلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرى قەرەللىك ۋە ئاشكارا ھالدا 40 يىلچە ئۆتكۈزۈلدى. چاۋشيەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يادرو سىنىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپ تۈرلۈك قارارىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆزلىشىش ئىشكى يەنىلا ئوچۇق، بىراق چاۋشيەن بارلىق تەھدىتىنى توختىتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، ئىشەنچلىك سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشقا كېرەكلىك بولغان بارلىق يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر