سۈرەتتە: ھىندونېزىيە دۆلەت ئىزدەپ قۇتقۇزۇش مەركىزى 7-يانۋار ئېلان قىلغان ھادىسىگە يولۇققان ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانى قالدۇقىنىڭ سۈرىتى.
ھادىسىگە يولۇققان ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتىدە 7-يانۋار زور ئىلگىرىلەش بولدى، ھىندونېزىيە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندىكى ئايروپىلان قۇيرۇقىنىڭ قالدۇقىنى بايقىغانلىقى ئېلان قىلدى.
ھىندونېزىيە دۆلەت ئىزدەپ قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سۇللېيست 7-يانۋار چۈشتە جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: قۇتقۇزۇش خادىملىرى شۇ جاي ۋاقتى 7-يانۋار ئەتىگەن سونار ئارقىلىق سۇ ئاستى 34 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئايروپىلاننىڭ قالدۇقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىنى بايقىغان.
مەنبە: خەلق تورى