- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇكسېمبورگنىڭ باش ۋەزىرى: جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى تەسەۋۇرى دۇنياغا تەڭ غەلبە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى
2015.01.09 09:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ليۇكسېمبورگنىڭ باش ۋەزىرى شاۋېل بېتېل 6-يانۋار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۇرىنىڭ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى يول، ئاۋىئاتسىيە، سودا قاتنىشى ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تېخىمۇ كەڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بېتېل ليۇكسېمبورگ بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ليۇكسېمبورگ خەلقئارا يۈك تىرانسىپورت ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن جۇڭگو خېنەن خەلق ئاۋىئاتسىيە تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ھەمكارلاشقان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مول ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى بىلەن 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۇرىنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق تەرەققىي قىلىش پۈرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر