- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت نىڭ لىۋان مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە سوتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتىلدى
2015.01.05 17:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسىنىڭ ئىشخانىسى 2-يانۋار مۇنداق دېدى: خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن، باش كاتىپ بان كىمون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋان مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە سوتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتىنى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئۇزارتتى. بۇ ئىشخانا تاراتقۇلارغا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋان مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە سوتىنىڭ مەسئۇلىيتى 2005-يىلى لىۋاننىڭ سابىق زۇڭلىسى ھەرىرى قاتارلىق 22 كىشى قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى سوراق قىلىشدىن ئىبارەت بولغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بان كىمون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سوتنى قوللاپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنى قانۇن تورىغا ئېلىپ، بۇ خىلدىكى زور جىنايى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى قايتا تەكىتلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر