27-دېكابىر قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتانبايېف قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىغا كىرىشى جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، قىرغىزىستان يەنە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.