باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2014.12.30 16:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-دېكابىر تېلېگراممىىسى : شياڭگاڭ ‹‹ مەجمۇئەلەر گېزىتى ›› نىڭ 29-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە ، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر يېقىندا شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئالپىس تېغىدا قاتتىق قار ياغقاچقا ، ساۋۋا ئۆلكىسىدىكى قار تېيىلىش مەنزىرە رايونىدىن قايتقان ساياھەتچىلەر يولدا قاپسىلىپ قېلىپ ، 15 مىڭغا يېقىن ئاپتوموبىل تۇرۇپ قالغان .

  خەۋەر قىلىشىچە ، نۆۋەتتە تاشيول بويىدىكى ئون نەچچە شەھەر ، بازاردا ئاز دېگەندە 12 جىددى پاناھلىنىش مەركىزى ئېچىۋېتىلگەن . قاتتىق قار ۋە توڭ يامغۇرىنىڭ تەسىرىدە ، بىر ھەپتىدە فىرانسىيەدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلغان .

  ئەنگىلىيەمۇ ئوخشاشلا بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 100 مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ توكى توختاپ قالغان ياكى تۇراقسىز بولغان . شوتلاندىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رېككىيدا يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى 110 مىللىمېتىرغا يەتكەن ، بۇنىڭدىن باشقا قىسمەن رايونلاردا موشۇ ھەپتىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن . شىۋېيتسارىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىمۇ قاتتىق قار ياغقان بولۇپ ، گېرمانىيەنىڭ شۋارزۋالد ئورمانلىقىدا يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى مىللىمېتىرغا يەتكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر