- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە ئوبامادىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى
2014.12.30 16:04 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇكاشېۋىچ يېقىندا رۇسىيە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالاشنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ‹‹ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاش قانۇن لايىھەسى››گە ئىمزا قويغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى، دېدى.
لۇكاشېۋىچ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ‹‹ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاش›› بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق. بۇ قانۇن لايىھەسى ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بۇنى رۇسىيەنىڭ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىدىكى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن ئادا – جۇدا بولۇش مەيدانىدا ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
لۇكاشېۋىچ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە سۆھبەتلىشىشنى ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن، بۇ باراۋەر بولۇش، رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ئويلاشقان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئائىت ھەرقانداق ئۇرۇنۇش مەغلۇپ بولىدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 18 – دېكابىر ‹‹ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاش قانۇن لايىھەسى››نى ئىمزالىغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئوبامانىڭ رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت شىركىتى قاتارلىق چوڭ شىركەتلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىگە؛ 2015 – يىللىق مالىيە يىلىدا ئامېرىكا 350 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، ئۇكرائىنانى تانكا ئاتار زەمبىرەك ۋە برونە تېشىدىغان سىنارەد قاتارلىق قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلىشىگە، شۇنداقلا ئوبامانىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىشىگە؛ ئۇكرائىنا، گىرۇزىيە ۋە مولداۋاغا ش ئا ئە ت دىن باشقا ئىتتىپاقداشلىق ئورنىنى بېرىشىگە ھوقۇق بېرىلگەن. ئوباما رۇسىيەگە تېخىمۇ كۈچلۈك جازالاش تەدبىرلىرىنى دەرھال قوللىنىش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل مارتتىن بۇيان ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبلىك رۇسىيەگە كۆپ قېتىم جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويغان. ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا شەرقىي رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، 12 – سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، پۇل مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە كەسىپلىرىگە تېخىمۇ قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ رۇسىيەگە تېخىمۇ قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كاپىتال بازىرىغا كىرىشىگە بولغان چەكلىمىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر