باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلماقتا

2014.12.30 15:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەرب ئەللىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە تېررورلۇق تەھدىتى كۈچەيگەن ۋە ئافغانىستاننىڭ كېيىنكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كىشىنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن سىياسىي، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەدرىجىي قويۇقلاشتى.

  2011 – يىلى جۇڭگو بىلەن قازاقسىتان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى؛

  2012 – يىلى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى؛

  2013 – يىلى جۇڭگو قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتتى. ھازىر خەلقئارادا نېفىت باھاسى چۈشۈۋاتقان ئەھۋالدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.

  ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن يۇقىرى پەن – تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە مەبلەغ سالىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە خېلىلا ئارقىدا قالغان، مەبلىغى كەمچىل بولغاچقا، جۇڭگو بىلەن بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ پائال قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى جازالاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى خېلى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرىنى تۈگىتىشكە تەقەززا بولۇۋاتىدۇ.

  قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سۇلتانوف جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جۇڭگونىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

  ئەرەب ئەللىرى جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىۋاتىدۇ

  غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئەرەب ئەللىرى تېخىمۇ شەرققە يۈزلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيدى، ‹‹جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى›› جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مىسىرنى ئېلىپ ئېيتساق، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز كۈچىيىپ، 2013 – يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

  سىسى بۇ يىل ئىيۇندا مىسىرنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغاندىن بۇيان، مىسىر ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭگو مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۇسۇلى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپخىللاشتى. جۇڭگو بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مىسىر مەخسۇس زۇڭلى رەھبەرلىك قىلىدىغان، كۆپ مىنىستىرلار قاتنىشىدىغان جۇڭگو خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلدى.

  تەھىلىلچىلەر ئەرەب ئەللىرىنىڭ شەرققە يۈزلىنىشىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار دەپ قارىدى:

  بىرىنچى، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقتەك تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلىپ كەلدى. 2013 – يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى خاس ئەلچىسى كۆپ قېتىم پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەگە بېرىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى. جۇڭگو سۇرىيە كىرىزىسى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت – ئېتىبارى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

  ئىككىنچى، ئەرەب ئەللىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇ، جۇڭگو ئەمەل قىلىۋاتقان دىپلوماتىيە سىياسىتى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتقا قويغان تەلىپى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەرەب ئەللىرى جۇڭگونىڭ قىسمەن تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىۋاتىدۇ.

  ئۈچىنچى، بەزى ئەرەب ئەللىرى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردە غەربكە زىيادە بېقىنىشنىڭ خەۋپى كۆپ ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى. جۇڭگو ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش ئارقىلىق، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئۈمىد قىلىدىغان ئەرەب ئەللىرىنى قاتتىق جەلپ قىلدى، ئەرەب ئەللىرى جۇڭگونىڭ خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپىنى ئورنىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  ئافرىقا جۇڭگونى ئۈلگە قىلدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قىسمەن ئەرەب ئەللىرىدىن باشقا، ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرمۇ شەرققە يۈزلىنىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇردى.

  كېنىيە نايروبى ئۇنىۋېرسىتېتى دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي لېكتورى مالۇكېي ئاگېنتلىقىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كېنىيە ھەتتا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ھەر قايسى قاتلاملارغا چېتىلغان بولۇپ، كېنىيە قاتارلىق ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئۆرنەك بولالايدۇ.

  مالۇكېي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ ئىسلاھات جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولالايدۇ.

  جۇڭگو ھازىر ئافرىقىنىڭ تۆمۈريول، تاشيول ۋە قىسمەن ئاۋىياتسىيە تورى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بۇ كېنىيەنىڭ مومباسا – نايروبى تۆمۈريولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر