يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىدىن جەمئىي 162 كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقالدى
جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق يولۇچىلار يوقكەن
ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسى 28-دېكابىر ھىندونېزىيە سۇرايابادىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچقان QZ8501 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:24لەردە ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.
سۈرەتتە: سىنگاپور چانگى ئايرودرومىنىڭ 1-يولۇچىلار پونكىتىدىكى ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسى مۇلازىمەت سۇپىسى.
ھىندونېزىيە ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيە سۇرايابادىن سىنگاپورغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 28-دېكابىر 7:24 لەردە يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئايروپىلاندا جەمئىي 162 كىشى بولۇپ، 155 يولۇچى ۋە 7 ئايروپىلان خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدا جۇڭگو پۇقرالىرى يوقكەن. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنى باياناتچىسى 28-دېكابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ ئامانلىقىدىن قاتتىق ئەنسىرىدى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدۇ.
QZ8501 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايىبۇس A320 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننى غەربىي ھىندونېزىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5:35لەردە جۇئاندا خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچقان، نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋاقىتتا ھىندونېزىيەنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئاخبارات رايونى ئىچىدىكەنتۇق. يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەسلىدە سىنگاپور ۋاقتى 8:30لەردە ئايرودرومغا قونۇشنى پىلانلىغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى