خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-چىسلا، نيۇيوركتىكى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ساقچى رافائىل راموسنىڭ دەپنە مۇراسىمى نۇيوركتىكى خانىش رايونى خرىستىيان چېدىرى چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جورجى بايدىن ھەم خانىمى، نيۇيورك شىتاتىنىڭ باشلىقى، نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى ھەم خانىمى ھەمدە مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن 20مىڭدىن ئارتۇق ساقچى دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ساقچىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە نيۇيورك ساقچى تەرەپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالدىنقى شەنبە، ساقچى راموس ۋە جوڭگولۇق پۇشتىدىن بولغان ساقچى ليۇ ۋېنجيەن بۇرۇكلىندىكى چارلاش ماشىنىسىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقاندا "جازا ئىجرا قىلىش" شەكلىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى