- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 162ئادەم چىققان ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى
نۇرغۇن دۆلەتلەر بىرلىشىپ نەچچە سائەت ئىزدىسىمۇ نەتىجىسى چىقمىدى
2014.12.29 17:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 28-چىسلا سائەت 7 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 162ئادەم چىققان ئايروپىلانى ھېندونېزىيەنىڭ سۇرابايادىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچۇۋاتقاندا ئالاقىلىشىش مۇنارى بىلەن ئالاقىنى يوقاتقان. يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھېندونېزىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بىر نەچچە سائەت ئىزدىگەن بولسىمۇ، چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىغان. ھازىرغىچە، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەن يېرى ئېنىق ئەمەس، كەلگۈسىدە ئايروپىلانغا بولغان ئىزدەش ھەرىكىتى يەنە داۋاملىشىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر