باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ھەربىي ئايروپىلانى 40 توننا مىنېرال سۇنى ئېلىپ مالدىۋنىڭ پايتەختىگە يېتىپ باردى

2014.12.09 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالې ئاھالىلىرىنىڭ سۇ قىس بولۇش قىيىنچىلىقىدىن ئۆتۈۋېلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 40 توننا مىنېرال سۇن قاچىلانغان «يىل 76» بەلگىلىك ئىككى ئايروپىلانى 8-دېكابىر سەھەردە مالدېۋىنىڭ پايتەختى مالېغا يېتىپ باردى. مالدېۋى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ گېنېراتورى 4-دېكابىر ئوت كېتىش سەۋەبلىك كاشىلىغا ئۇچراپ، مالې شەھىرىدە سۇ توختاپ قالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەرھال قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. مالدېۋى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالدېۋىغا جىددىي نەق پۇل ۋە ئىچىملىك سۇ ياردىمى بەردى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق بوتۇلكىلىق سۇ يەتكۈزۈپ بەردى. بۇندىن باشقا ھىندى ئوكياندا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چاڭشىڭداۋ ناملىق قۇتقۇزۇش پاراخوتى مالېغا يېتىپ باردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر