- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ساماراس بىلەن داۋۇت ئوغلى سىپرۇس مەسىلىسى سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى ئۈمىد قىلدى
2014.12.08 16:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گرېتسىيە زۇڭلىسى ساماراس بىلەن تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى تۈنۈگۈن ئافېنادا: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رىياسەتچىلىكىدىكى سىپرۇس مەسىلىسى سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى ھەمدە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن 3-نۆۋەتلىك گرېتسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. داۋۇت ئوغلى: سىپرۇس مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى قويۇق دېدى.
ساماراس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گرېتسىيە بىلەن سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى تۈركىيەنىڭ «باربالوس» ناملىق كۆزىتىش پاراخوتى سىپرۇسنىڭ خاس ئىقتىسادى رايونىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر