باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇزاق مۈددەت داۋاملىشىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئۇكىرائىنانىڭ قاتمال ۋەزىيىتى(1)

2014.11.21 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىن مېيىل 18-نويابىر موسكىۋادا سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ مېنسىك كېلىشىمى رامكىسى ئىچىدە ئۇكىرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش كېرەك دېيىشتى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك زور دەرىجىدە يول قويۇش ئويى بولمىغاچقا، ئۇكىرائىنا ۋەزىيىتى نۆۋەتتە قاتمال ھالەتكە پېتىپ قالدى. بۇ خىل قاتماللىقنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولۇشى تەس.

  ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە، ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسىمىدىكى ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان دونتسېك رايونىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى. ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئەلئىچى قۇراللىق تەشكىلاتلىرى 9-ئايدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى توقۇنۇشى ئۈزۈلمىدى، يېقىندىن بۇيان داۋاملىق كەسكىنلەشمەكتە.

  ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو 17-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. ئۇكىرائىنا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى قىممىتى 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېغىر تىپلىق جابدۇقلار توختامىنى ئىمزالىغان، يېقىندا بارلىق قۇراللار ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلەر كونتروللىقىدىكى شەرقى قىسىم رايونىدىكى بارلىق دۆلەت ئاپپاراتىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ رايوننى ئېنېرگىيە، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاشنى توختىتىدۇ.

  رۇسىيەلىك سىياسى تەھلىلچى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي قىسىم رايونىنى كونترول قىلىشتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇڭا خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كېتىش، بايلىقنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي قىسىم رايونىنى مالىيە يۈكى دەپ تاشلىۋېتىدۇ، ئەمما رۇسىيە بۇنى ئۆتكۈزۈۋالمايدۇ، ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسىم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر