باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: رۇسىيە شەرق ۋە غەرب بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئوخشاشلا قىزىقىدۇ

2014.11.21 10:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 19-نويابىر ، رۇسىيىنىڭ شەرق ۋە غەرب بىلەن ئوخشاشلا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن شۇ كۈنى 15 دۆلەتنىڭ يېڭىدىن رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا مۇنداق دېدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىقى رۇسىيىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى، چۈنكى بۇ رۇسىيىنىڭ سىبېرىيە ۋە يىراق شەرق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئوخشاشلا قىزىقىدۇ. پوتىن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىر بىرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش ۋە بىر بىرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلانماقتا. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، يەر شارى يولۇقۇۋاتقان خىرىسلارغا ۋە تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشتا ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر