- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چەتئەللىك ئەربابلار شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى
2014.11.17 17:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چەتئەللىك ئەربابلار دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 15-نويابىر 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 9-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئاۋسترالىيە بىرىسبان شەھىرىنىڭ باشلىقى نايىك مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ناھايىتى ئىجابىي بىر سىگنالنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سىجىل ئاشۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى ۋە ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى.
كورىيە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا تارىخى مالىيە گۇرۇھىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى چى زايفۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەتكۈزگەن سادا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۇختا، سىجىل ئېشىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئالىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى پىيېررى پىكارد مۇنداق دېدى: ئىقتىسادتا كۈچلۈك دۆلەت بولغان جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، يەر شارىنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقارماقتا.
تايلاند «ئاسىيا گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چەنفىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر يەنىلا سودا قورۇقچىلىقىنى يولغا قويماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، بۇنداق بولغاندا ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر خەلقئارا سودىدىن نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.
ھىندىستان فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت ھىندىستان-جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى تاللۇن ۋىكى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىكى ۋە سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى تىلغا ئالدى، بۇ-نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ۋە ئېھتىياجىغا ناھايىتى ئۇيغۇن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر