- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن كورېيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقىدىن سۆھبەتنى رەت قىلدى
2014.11.04 08:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى 1-نويابىر مۇنداق دېگەن: ئەگەر كورىيە ھۆكۈمىتى كورىيەدىكى ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ چاۋشيەنگە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىشنى توسمايدىكەن، چاۋشيەن كورىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ.
خەۋەرگە قارىغاندا، كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 2-نويابىر مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، كورىيەدىكى ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ھەرىكىتى كورىيە ھۆكۈمىتى قوللىغان ۋە قانات ئاستىغا ئالغان قىلمىش دەپ قارا چاپلاندى ھەمدە بۇنى بانا قىلىپ چاۋشيەن كورىيە سۆزلىشىشنى رەت قىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر