- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىسرائىلىيە شۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى
2014.10.31 15:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 30-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە شۋىتسىيەنىڭ پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ شۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى. ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ شۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قارار چىقىرىشىنى كۈتمەكتە. ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇندىن كىيىن شۋىتسىيەگە باش ئەلچى ئەۋەتىش ئەۋەتمەسلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىشىدۇ. ئەگەر باش ئەلچى شۋىتسىيەگە قايتمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر