باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۇرد قۇراللىق خادىملىرى تۈركىيەنىڭ ئۈچ ئەسكىرىنى ئېتىپ تاشلىدى

2014.10.27 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە قۇراللىق قىسىمنىڭ باش شتابى 25-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قۇراللىق كۈچلىرى شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىمدىكى رايوندا تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئەسكەرنى ئېتىپ تاشلىدى. باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: كۇرد قۇراللىق خادىملىرى شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن خاككارى ئۆلكىسىنىڭ كېسەيكىۋا ناھىيەسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ژاندارما ئەسكەرلىرىگە تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىپ، نەق مەيداندا ئىككى ئەسكەرنى ئېتىپ تاشلىغان، يەنە بىر ئەسكەر دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغاندىن كىيىن قازا قىلغان. نۆۋەتتە، تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە. بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى كارش ئۆلكىسىدىكى بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تۆت قۇراللىق خادىمىنىڭ ھۇجۇم قىلىشغا ئۇچرىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر