- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىدە جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسى ئېچىلدى
2014.10.21 15:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېيجىڭدىن موسكۋاغا بارىدىغان ياۋروپا-ئاسىيا يۇقىرى سۈرئەتلىكڭ تۆمۈر يول تىرانسىپورت كارىدورى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ھەمكارلىقى ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە موسكۋادىن قازانغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرى ئالدى بىلەن يولغا قويۇلىدىكەن. پىلاندىكى موسكۋادىن قازانغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 770 كىلومېتىر بولۇپ، موسكۋا، ۋىلادىمىر ئوبلاستى قاتارلىق يەتتە فېدېراتسىيە گەۋدىسىدىن ئۆتىدىكەن، لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ تۈر 2018-يىلى پۈتتۈرۈلگەندىن كېيىن، موسكۋادىن قازانغا بارىدىغان ۋاقىت ھازىرقى 11 يېرىم سائەتتىن 3 يېرىم سائەتكە قىسقىرايدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر