- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئافغانىستان دىپلوماتلىرىنى بىرلىشىپ تەربىيىلەش تۈرىنىڭ ئامېرىكا تەرەپ كۇرس باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2014.10.21 15:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تۈر ــــــ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ دىپلوماتلىرىنى بىرلىشىپ تەربىيىلەش تۈرىنىڭ ئامېرىكا تەرەپ كۇرس باشلاش مۇراسىمى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى.
ئېلىمىزنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى ۋۇ شى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ دىپلوماتلىرىنى بىرلىشىپ تەربىيىلەش تۈرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىدىكى ياخشى ئىش.
بۇ قېتىمقى تەربىيىلەش تۈرىگە قاتناشقان ئافغانىستاننىڭ ياش دىپلوماتلىرى ئامېرىكىدا ئىككى ھەپتە تەربىيىلىنىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا بۇ ياش دىپلوماتلار جۇڭگودا بىرىنچى باسقۇچتا ئىككى ھەپتە تەربىيىلەنگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر