- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نىگېرىيە ھۆكۈمىتى بوكو ھەرەم تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
2014.10.20 08:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نېگىرىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بادى 17-ئۆكتەبىر ئەبۇجادا، ھۆكۈمەت بىلەن ئەسەبىي تەشكىلات بولغان بوكو ھەرەم تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بادى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى. بىراق ئۇ بۇ يىل 4- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان 200دىن كۆپرەك قىز ئوقۇغۇچىنىڭمۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلىمۇ بۇنى ئىسپاتلىدى.
بوكو ھەرەم تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: تۇتقۇن قىلىنغان قىز ئوقۇغۇچىلار ھازىر نېگىرىيە بىلەن چەت چېگراسىدا تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى، بىراق بۇ توغرىلىق تەپسىلىي باياناتنى ۋاقتىنچە ئېلان قىلمايمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر