- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاقساراي ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئەۋەتمەيدۇ
2014.10.15 16:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئاقساراي 14-ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىستىراتىكىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ ئىستراتېگىيەنى ئىجرا قىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، بىراق دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئىسپاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئىستراتىگىيە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: كونكىرېت ئىشلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نىشانلىرىنى قورشاۋغا ئېلىشنى توسقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر