- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئايرىش تاختىسى ئاجراپ كېتىپ يەرگە جىددىي قوندى
2014.10.15 16:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئامېرىكىدىكى ئامېرىكا قىتئەسى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر بويىن 757 يولۇچىلار ئايروپىلانى 13–ئۆكتەبىر كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان فىرانسىسكودىن تېكساس ئىشتاتىنىڭ دالاسقا قاراپ ئۇچۇۋاتقاندا يولۇچىلار خانىسى ئىچىدىكى ئايرىش تاختىسى ئاجراپ كەتكەن .
ئايروپىلان باشلىقى كونكرېت ئەھۋالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن سان فىرانسىسكوغا قايتىپ قونۇشنى قارار قىلغان ، 184 يولۇچى ۋە 6 ئايروپىلان خادىمى خەتەرگە ئۇچرىمىغان . نۆۋەتتە بۇ ئايروپىلان داۋاملىق تەكشۈرۈلۈپ رېمونت قىلىنىۋېتىپتۇ، ئامېرىكا قىتئەسى ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەرەپ بۇ قېتىملىق خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان .
ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، يولۇچىلار خانىسىنىڭ تاختايلىق تېمى ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلانمايدىكەن ، شۇڭا يۇقىرىقى ئەھۋال ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر