باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەززەنى قايتا قۇرۇشقا پۇل بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ

2014.10.15 16:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەززەنى قايتا قۇرۇش خەلقئارا يىغىنى 12 – ئۆكتەبىر مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى، 70 نەچچە دۆلەت بىلەن خەلقئارا تەشكىلات يىغىنغا قاتنىشىپ، پەلەستىنگە تەخمىنەن 5 مىليارد 400 مىليون دوللار توپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليارد 700 مىليون دوللار غەززەنى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يىغىلغان پۇلنىڭ سانى تەرەپلەرنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتتى.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەردلىك بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ناھايىتى ئاكتىپ سىگنال، ئۇ غەززەنى قايتا قۇرۇشتىكى ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ‹‹موتور››نى نۇرغۇن ‹‹يېقىلغۇ›› بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما، بۇ قېتىمقى يىغىن كىشىلەرگە بەش يىل بۇرۇن مىسىرنىڭ شام شەيخ شەھىرىدە ئېچىلغان غەززەنى قايتا قۇرۇش خەلقئارا يىغىنىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ، شۇ چاغدىكى ئەھۋالمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىدى. بەش يىل بۇرۇنقى يىغىندا، خەلقئارا يىغىن 4 مىليارد 500 مىليون دوللار ئاجرىتىش، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارنى غەززەنى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى. لېكىن، بەش يىلدىن بۇيان، ياردەم مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمى تېخىچە بېرىلمىدى.

  غەززەنى قايتا قۇرۇشقا پۇل بولمىسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ، لېكىن، بۇ پۇل مەسىلىسىلا ئەمەس، پۇلدىنمۇ مۇھىم يەنە نۇرغۇن مەسىلە بار.

  مەسىلەن، خاماسنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرماسلىق مەسىلىسى. بۇ غەربتىكى ياردەم بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئۇلار ياردەم مەبلىغىنى پەلەستىن زۇڭتۇڭى، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى(فاتاخ)نىڭ رەھبىرى ئابباسقا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، 2007 – يىلى ئىيۇندىن باشلاپ، سايلام ئارقىلىق تەختكە چىققان خاماس غەززەنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلمەكتە. خاماس بىلەن فاتاخ بۇ يىل ئاپرېلدا يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت رولىنى ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىنى يوق. پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي يارىشىش قەدىمى غەززەنى قايتا قۇرۇش ئىستىقبالىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يەنە مەسىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى. ئىسرائىلىيە ۋەكىلىنىڭ بۇ قېتىمقى قاھىرە يىغىنىغا قاتناشمىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ بىردىنبىر مال پورتىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ، غەززەنى قايتا قۇرۇش ماددىي ئەشياسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ رۇخسىتىسىز غەززەگە توشۇغىلى بولمايدۇ. ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىبېرمان 12 – ئۆكتەبىر: ئىسرائىلىيە يېقىندىن ماسلاشمىسا، غەززەنى قايتا قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دېدى.

  تېخىمۇ چوڭ قىيىن مەسىلە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىشىشىنىڭ قاچانغىچە داۋالىشىدىغانلىقىدا. ئۆتكەن ئالتە يىلدا، غەززەدە ئۈچ قېتىم ئۇرۇش پارتلىدى، نەچچە مىڭ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، سەرسان – سەرگەردان بولغانلار ھەددى – ھېسابسىز، پۈتۈن غەززە رايونى خارابىلىك ئىچىدە قالدى. مۇتەخەسسىسلەر: ئەمدى يېڭىدىن توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدىمۇ، غەززەنى قايتا قۇرۇشقا يەنە 10 ~20 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، دېدى.

  غەززەنى قايتا قۇرۇشقا راستلا بۇنچىۋالا كۆپ ۋاقىت كېتەمدۇ؟ شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ مەسىلە يەھۇدىيلار مەھەللىسى، چېگرا، يېرۇسالېمنىڭ ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھەل قىلىنمىدى، خاماسنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ، غەززەدە ئۇرۇش ئوتىنىڭ ھەر ۋاقىت قايتا يېنىپ، قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ يوققا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يىغىپ ئېيتقاندا، يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇش ھەر بىر غەززەلىكنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى. لېكىن، تەرەپلەرنىڭ زىددىيىتى چىگىش – مۇرەككەپ بولۇۋاتقان رايوندا سىياسىي جەھەتتە قايتا قۇرۇش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇشتىنمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، بۇ پۇل بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.

  جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى گۇەن شياۋشېڭ ئېيتقاندەك، غەززەنى قايتا قۇرۇش ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەسىلىسى ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى زۆرۈر بولغان مۇرەككەپ مەسىلە. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىمقى قاھىرە يىغىنىدا خەلقئارا جەمئىيەت غەززەنى قايتا قۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىجابىي سىگنال.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر