- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسى مۇزاكىرە قىلىندى
2014.10.15 15:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 14-ئۆكتەبىر 20 دۆلەتنىڭ ئارمىيە رەھبەرلىرى بىلەن، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى باسكى مۇنداق دېدى: بۇ داۋاملىشىۋاتقان ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملەش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈش، تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك تىرىشچانلىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ بىر قىسىمى.
ئۇ مۇنداق دېدى؛ تۈركىيەنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ئاچقۇچ. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بىرلىكتە، مۆتىدىللەر گۇرۇھى بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى تەربىيەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر